- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئەلبېگ دورجىن رەئىس شى جىنپىڭغا يۈكسەك باھا بېرىپ «ئۇنىڭ رەھبەرلىك سالاپىتى ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارى كىشىنى قايىل قىلىدۇ» دېدى
2014.08.21 15:36 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى، ئىناق مۇناسىۋىتى، يۇقۇرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ قويۇقلىقى ئۆزئارا ئىشەنچنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق كۈندىن-كۈنگە زورايدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئاۋغۇستتىن 22-ئاۋغۇستقىچە موڭغۇلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، بۇ قېتىملىق زىيارەت ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئاچقۇچ بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىق سەۋىيەسىنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشىدە ئۈمىد بار. بىر قىسىم موڭغۇلىيە سىياسىيونلىرى ۋە دوستلار مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەس-بەس بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئەلبېگ دورجىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. بۇلتۇر 9-ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىدا مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەنىدىم، بۇ يىل 5-ئايدا ئاسىيا ئۆز ئارا ئىشەنچ، ھەمكارلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا، يەنە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ناشتا قىلدىم. «رەئىس شى جىنپىڭ تەپەككۇرى ئۆتكۈر، سۆزىنىڭ پەلسەپىۋىلىكى كۈچلۈك، ئاددىي مىساللار ئارقىلىق قائىدە-قانۇنىيەتنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ، ئۇ ئىزچىل ناھايىتى قىزغىن، ئۇنىڭ رەھبەرلىك سالاپىتى ۋە قارار چىقىرىش ئىقتىدارى كىشىنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ.»
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر