«ھەر بىر مىللەت ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى. سىز ۋە ساۋاقداشلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پەقەت ھەممەيلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىشنى يېنىمىزنى كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق، بىزنىڭ بۇ كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىمىز تېخىمۇ ئىناق-ئىتتىپاقلىققا چۆمىدۇ.»
ــــ لى كېچياڭ 15-ئاۋغۇست، ئەمدىلا ئۆيىگە قايتىغان جياڭسۇ ئۆلكىلىك جياڭپۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى ساۋاقداش گۈلمىرە مىتۋۇللا ئالاھىدە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالدى. بۇ خەتنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئۇنىڭغا يازغانىدى.
زۇڭلى لى كېچياڭ خېتىدە مۇنداق دېگەنىدى: «ساۋاقداش گۈلمىرە: خېتىڭىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. خېتىڭىزدە سىلەر بەش نەپەر ساۋاقداشنىڭ بېيجىڭدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگەنلىكىڭلار، گۇگۇڭ سارىيى ۋە سەددىچىن سېپىلىنى زىيارەت قىلغانلىقىڭلار، يەنە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ساۋاقداشلار بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىلارنى دەپسىز. بۇ ئارقىلىق سىلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.»
زۇڭلى لى كېچياڭ خېتىدە يەنە مۇنۇلارنى يازغانىدى: «ھەر بىر مىللەت ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى. سىز ۋە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقۇڭلارنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىڭلار ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پەقەت ھەممەيلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىشنى يېنىمىزنى كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق، بىزنىڭ بۇ كۆپ مىللەت چوڭ ئائىلىمىز تېخىمۇ ئىناق-ئىتتىپاق بولىدۇ.»
زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئىلھامى بۇ ئاددىي ئۇيغۇر قىزىنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىش، بالدۇر پېشىپ يېتىلىش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى قوغداش ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى