خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-چېسلا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ خەلق چوڭ سارىيىدا يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 20-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق چوڭ سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش دېڭ شياۋپىڭ بىزگە سىزىپ بەرگەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش چېرتيوژى قەدەممۇ-قەدەم گۈزەل رىئاللىققا ئايلىنىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز كۈندىن-كۈنگە گۈللىنىپ، قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى كۈندىن-كۈنگە ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ كېتىۋاتىدۇ. بىز 20-ئەسىردە ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ 21-ئەسىردىمۇ تېخىمۇ ئۇلۇغ تارىخىي غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى