خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ مۇخبىرى مەلىكەمنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، رەڭدار گۇيجۇ. 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئەسلى ئېكېئولوگىيە خەلقئارا فوتوگرافىيە كۆرگەزمىسى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو، ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 60 نەچچە داڭلىق فوتوگراف قاتناشتى، شۇلار ئىچىدە بىردىنبىر ئۇيغۇر فوتوگراف قۇربانجان.سەمەت«مۇنەۋۋەر ياش فوتوگراف» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق ئەسىرى كۆرگەزمىگە قاتناشتى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشكىنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ باش دىرېكتورى پۇرەيجى، يەنە خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى مەشھۇر فوتوگرافلارمۇ بار.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى