باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا باغدادىنى تۇتۇشقا سەرخىل قىسىم تەشكىللىدى

2014.08.20 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شياڭگاڭدا چىقىدىغان ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقتىكى ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق لىۋانت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىگىلىگەن، ئىراق ۋەزىيىتى كۈنسايىن يامانلاشقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئىراق لىۋانت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ 42 ياشلىق كاتتىۋېشى باغدادىنى تۇتۇشقا تەخمىنەن 100 ئاخبارات خادىمى ۋە ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئەسكىرىدىن تەركىب تاپقان سەرخىل قىسىم تەشكىللىگەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ 2011-يىلى بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادېننى ئۆلتۈرگەندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تېررورلۇققا قارشى ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئىكەن.


  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باغدادى ئەگەشكۈچى زور قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك پەيدا بولۇپ بىردىنلا غايىب بولىدىكەن. ئامېرىكا ئۈنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تېپىپ بەرگەنلەرنى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر