[شاڭخەي تاموژنىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق 4 كىشى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى] مۇخبىرنىڭ 19-ئاۋغۇست كەچ دەلىللىشىچە، تاموژنا باش مەھكىمىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى يېقىندا شاڭخەي تاموژنىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى بيەن زۇياۋنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرگەن ھەمدە يىپ ئۇچىنى تەپتىش تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. بيەن زۇياۋ پارا يېيىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەپتىش تارماقلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن. شاڭخەي تاشقى پورت تاموژنىسى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش تارماق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لىڭ شيۇڭ، شاڭخەي تاموژنىسى پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جۇ لياڭ، شاڭخەي تاموژنىسىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى خادىمى خەن جىنشى قاتارلىقلارمۇ دېلو تۇرزۇپ تەكشۈرۈلگەن.ۋۇ يۈ خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى