خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭدىكى تۇنجى يۈرۈشلەشكەن ئىگىزلىكى 6.25 مېتىرلىق كۆمۈرنى چىڭداپ كوكىسلاشتۇرۇش پېچى باي ناھىيە جوڭتەي كوكىس خىمىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ 1 مىليون 300 مىڭ توننىلىق كوكىسلاشتۇرۇش ۋە ئايلانما ئىقتىساد بەلبېغى بىر گەۋدە قىلىنغان تۈرى ناھىيەلىك سانائەت باغچىسىغا ماكانلاشتى. بۇ تۈر شىنجاڭ ھەتتا غەربىي شىمال رايونىدىكى چوڭ تىپتىكى كوكىسلاشتۇرۇش پېچى قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى سەھىپىسىنى يارىتىپلا قالماي، شىنجاڭدىكى كۆمۈرنى چىڭداپ كوكىسلاشتۇرۇش پېچى تارىخىنىڭ ئابىدىسىنى تىكلىدى.
بۇ تۈر 2015-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، باي ناھىيەسىنىڭ كۆمۈر كوكىسلاشتۇرۇش كەسپىنى تۈجۈپىلىك خىمىيە كەسپىگە ئايلاندۇرۇپ، يىلىغا 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن پايدا-باج يارىتىپ، 1300 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۆمۈرچىلىك، مېتال تاۋلاش، خىمىيە سانائىتى، تراسىپورت قاتارلىق كەسىپلىرىگە تۈرتكە بولىدىكەن.
مۇخبىر: باي ناھىيە سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدە
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى