باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يول خەرىتىسىنى سىزىش

‐‐‐ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موڭغۇلىيەگە زىيارەتكە چىقىشى ھارپىسىدا

2014.08.18 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلبەگ دورجىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رەئىس شى جىنپىڭ 21-ئاۋغۇستتىن 22-ئاۋغۇستقىچە موڭغۇلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ 11 يىلدىن بۇيان موڭغۇلىيەگە تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بېرىشى، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئايرىم دۆلەتكە زىيارەتكە بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئەتراپ مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايدىغان بۇ زىيارىتى «دوستانە ئۆتۈش، سەمىمىي-ئىشەنچلىك بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭقورساق بولۇش»تىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ يىل جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو-موڭغۇلىيە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. بۇ تارىخىي پەيتتە كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقىش ‐‐ جۇڭگو-موڭغۇلىيە باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما بولۇپ قالدى.

  بۇ قېتىمقى زىيارەت داۋامىدا، رەئىس شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېلبەگ دورجى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي تەپەككۇرىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە بېكىتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلىدىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر