باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تاموجنا باش مەھكىمىسى پاكىستانغا ئەتكەس قىلىنغان قارا كۆل تاشپاقىسىنى قايتۇرۇپ بەردى

2014.08.19 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو تاموجنا باش مەھكىمىسى دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە، شىنجياڭدىكى قونجىراپ ئېغىزىدا، پاكىستانغا ئەتكەس قىلىنغان قارا تاشپاقىنى قايتۇرۇپ بەردى. قەشقەر تاموجنىسى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن 200 قارا تاشپاقا يۇرتىغا قايتۇرۇلۇپ تەبىئەتكە قويۇۋېتىلىدۇ.


  بۇ قارا تاشپاقىلارنى قەشقەر تاموجنىسى ئىگىلىگەن ئاخباراتقا ئاساسەن، 13-ئاۋغۇست قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان ناھىيىسىدىكى كۆمۈر كېسىكى زاۋۇتى ئەتراپىدا چازا قۇرۇپ تەكشۈرگەندە، بىر كوزۇپلۇق پىكاپتىن بايقىغان. قەشقەر تاموجنىسى قولغا چۈشكەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرار قىلىشى بىلەن يەنە ھارام مالنى بىر تەرەپ قىلغۇچى بەش گۇماندارنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئەتكەسچىلىك گۇروھى پاش بولغان.


  قارا تاشپاقا ئۆسۈملۈك، بېلىق ۋە راكنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشايدۇ. ئۇ «يوقاپ كېتىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ياۋا ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى»نىڭ ئىلاۋىسىدە بىرىنچى قاتارغا تىزىملانغان جانلىق بولۇپ، خەلقئارادا سودا خاراكتېرلىك ئېلىپ-سېتىشقا روخسەت قىلىنمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر