باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئېكىسپورت ئىشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى

2014.08.19 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سود امىنىستىرلىقى 18-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئېكىسپورتى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى.


  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە ئىمپورت ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 14 تىرلىيون 720 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 7-ئايدا ئېكىسپورتتا يېڭى يۇقۇرى پەللە يارىتىلىپ، %14.5 ئاشقان. بۇ بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا ئېلىكتىر ۋە يۇقۇرى يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولغان. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شىن دەنياڭ 18-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېكىسپورت سۈرئىتىنىڭ ئېشىشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرىتىدىكى كۆپ تەرەپلىك ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك: بىرىنچىدىن، تاشقا سودىنى مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ ئېكىسپورت قىلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئىككىنچىدىن، دۇنيا ئىقتىسادىي ئۈزلۈكسىز ئەسلىگە كەلدى، ئېلىمىزنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، شياڭگاڭ ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتىتپاقىدىن ئىبارەت بۇ تۆت ئىقتىساد گەۋدىسىگە قىلىدىغان ئېكىسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر كۆپ ئاشتى. ئۈچىنچىدىن، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئېكىسپورتى %23.6 ئاشتى. بۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان بىر ئاي ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر