باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېڭ شياۋپىڭ ماقاللىلىرى توپلىمى، دېڭ شياۋپىڭ تەرجىمىھالى نەشىر قىلىنىدى

2014.08.19 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش دېڭ شياۋپىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە، مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي ھۆججەتلەر تەتقىقاتخانىسى تەھرىرلىگەن «دېڭ شياپىڭنىڭ 1949-يىلىدىن 1974-يىلغىچە بولغان ماقاللىلىرى توپلىمى» ۋە «دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1904-يىلىدىن 1974-يىلغىچە بولغان تەرجىمىھالى» ئايرىم-ئايرىم خەلق نەشىرياتى ۋە مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە تارقىتىلىشقا باشلىدى.


  دېڭ شياۋپىڭ ماقالىلىرى توپلىمى ئۈچ توم بولۇپ جەمئىي 406 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن، خەنزۇچە خەت ھىساۋىدا 800 مىڭ خەتتىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدا شۇ مەزگىلدىكى يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر، بىرلىكسەپ خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى مۇھىم ئىدىيىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، «دېڭ شياۋپىڭ ماقالىلىرىدىن تاللانما» نىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى بىلەن تومۇرداش ۋە ۋارسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇناسىۋىتىدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


  «دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1904-يىلىدىن 1974-يىلغىچە بولغان تەرجىمىھالىدا» يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» دا ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن قايتىدىن ئ خىزمەت قىلغان يەتمىش يىلدىكى ئاساسىي كەچمىشى ئومۇميۈزلۈك خاتىرىلەنگەن. تەرجىمىھال ئەسەر سۈپىتىدە ئۇنىڭدا بۇ ئۇلۇغ شەخسنىڭ ئالىجاناپ روھى دۇنياسى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن، ئۇنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ھىسسىي تۇرمۇشى ھەقىقىي تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئەسەر دېڭ شياپىڭدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ شەخسنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، پارتىيىنىڭ شانلىق تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر