باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا جاۋاپ خەت يازدى

2014.08.18 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاۋغۇست نەنجىڭ شەھىرى پۇكۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىسى گۈلمېھرە مىتىۋۇللاغا جاۋاپ خەت يېزىپ، ئۇنى ۋە ساۋاقداشلىرىنى ياشلىقىنى قەدىرلەپ، گۈزەل ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆگەنگەن بىلىمى ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن كورلىغا بېرىپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ جاۋاپ خېتىنى نەنجىڭدىن كورلىغا تەتىل ئۆتكۈزۈشكە بارغان گۈلمېھرە مىتىۋۇللاغا يەتكۈزۈپ بەردى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قايسى مىللەتلەر ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى، سىزنىڭ ۋە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇغۇڭلارنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىڭلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك. ھەر بىرىمىز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن تۇتۇپ ئىشلىسەكلا، كۆپ مىللەتلىك بۇ ئائىلىمىز تېخىمۇ ئىناق بولىدۇ.

  بۇ يىل 1-مارت، كونمىڭ ۋوگزالىدا ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەنجىڭدە ئوقۇۋاتقان گۈلمېھرە مىتىۋۇللا ئىنتايىن ئازابلاندى. 8-مارت ئۇ ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا زۇڭلىغا خەت يېزىپ كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئېيتتى. ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن چەكسىز نەپرەتلىنىدىغانلىقى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى تەربىيىلىگەنلىكىگە مۇناسىپ جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئىراە باغلىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  گۈلمېھرە مىتىۋۇللا مۇنداق دەيدۇ: زۇڭلىنىڭ جاۋاپ خېتىنى كۆرۈپ قەتئىي ئىرادىگە كەلدىم، يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتەك بۇرچنى ئۈستۈمگە ئالغان، مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تەسىر قىلىمەن ۋە ئۇلارغا تۈرتكە بولىمەن. مەن زۇڭلىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تاپشۇرىقىنى ئېلىپ، مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىرىغا ۋە ساۋاقداشلىرىمغا تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن. مەن زۇڭلىنىڭ تاپشۇرىقىنى ئېسىمدە مەھكەم ساقلاپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆگەنگەن بىلىمىم ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر