18-ئاۋغۇست، كورىيە سېئولدا، كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گيۇنخاي(ئوڭدا) بىلەن ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ما يۈن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. شۇ كۈنى، كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گيۇنخاي زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى چىڭۋاتەيدە، كورىيەگە زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگو ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ما يۈن بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ۋە رەقەملەشتۈرۈلگەن كەسپىي ساھەلەر(ئويۇن، كىنو-تېلېۋىزىيە) ھەمكارلىقى ھەققىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.