باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

قىزچاق ئوباماغا ئاياللارنى دوللارغا كىرگۈزۈش تەكلىپى بەردى

2014.08.14 10:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى يېقىندا كانساس شىتاتىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ بىر كىچىك قىزچاقتىن خەت تاپشۇرۇۋالغانلىقى ئېيتقان، خەتتە ئامېرىكىنىڭ پۇلىدا نېمىشقا ئايال كىشى يوقلىقى سورالغان، ھەمدە پۇل يۈزىگە كىرگۈزۈشكە بولىدىغان بىر قاتار ئىسىملىك بار ئىكەن، ئوباما بۇنى يامان ئەمەس چارە دەپ ھېس قىلغان. ھازىر ئامېرىكىنىڭ يەتتە سوممىلىق قەغەز پۇلى بار، بۇ يەتتە پۇلنىڭ ھەممىسىگە ئەر كىشىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان. بىر ئامېرىكا دوللارلىق پۇلغا دۆلەت قۇرغان زۇڭتۇڭ ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىتى، ئىككى ئامېرىكا دوللارلىق پۇلغا ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى تۈزگۈچى جېففىرسوننىڭ سۈرىتى، بەش دوللارلىق پۇلغا نىگېر قۇللارنى ئازاد قىلغان زۇڭتۇڭ لىنكولىننىڭ سۈرىتى، 10 دوللارلىق پۇلغا دۆلەت قۇرغان ئاقساقال خاممىلتوننىڭ سۈرىتى، 20 دوللارلىق پۇلغا ئامېرىكا سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنى ئۆزگەرتكەن زۇڭتۇڭ ئاندرېۋ جېكسوننىڭ سۈرىتى، 50 دوللارلىق پۇلغا جەنۇب- شىمال ئۇرۇشىدىكى قەھرىمان ئۇلىيسېس گرانتنىڭ سۈرىتى، 100 دوللارلىق پۇلغا فرانكىلىننىڭ سۈرىتى بېسىلغان.


  بۇقەغەز پۇللاردىكى پورتېرتلار پۈتۈنلەي ئەر بولۇپ قالماستىن، يەنە ھەممىسى ئاق تەنلىكلەر، تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، بۇ يەتتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بەزىلەر دوللاردىكى پورتىرتقا ئامېرىكىدىكى زور تۆھپە كۆرسەتكەن ئاياللارنى قويۇش تەكلىپىنى بەردى. ئەمما، ئايال كىشىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە كىم بىر قەدەر مۇۋاپىق كېلىدۇ؟ جەنۇبىي كالىفورنىيە شىتاتىدىكى مارك مۇنداق دېدى: ئاياللارنى قويۇشقا توغرا كەلسە، ھېلېن كېللىر ياكى ئامېرىكا خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ ئانىسى روسا پاركس ئەڭ ياخشى نامزات بولالايدۇ. ئەگەر قارا تەنلىكنى قويۇش توغرا كەلسە، ئامېرىكا خەلق ھوقۇقى جەڭچىسى مارتىن لۇسېر كىڭ مۇۋاپىق نامزات بولالايدۇ. ئامېرىكىدىكى ھەپتىلىك ژۇرنالدىمۇ بەش ئايال نامزات كۆرسىتىلدى، ئۇلار: روسا پاركس، ئانتونى، دۇنيادىكى بىرىنچى خانىم دەپ ئاتالغان ئېلېئانور روزېۋېلت، ئىلگىرى بىرىنچى خانىم بولغان ھەمدە پرېزىدېنتنىڭ ئاپىسى بولغان ئابىگائىل ئادامستىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر