باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى تۇنجى كۆچمە دوختۇرخانا ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى

2014.08.14 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لۇديەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى تۇنجى كۆچمە دوختۇرخانا لوڭتۇشەن بازىرى شىپاخانىسى كۆچمە دوختۇرخانىسى شۇ بازارنىڭ لۇچياۋ مەھەللىسىدە رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. 15- ئاۋغۇستتىن باشلاپ بىمارلارنى قوبۇل قىلىدىكەن.


  ياردەم بېرىپ كۆچمە دوختۇرخانا سېلىپ بەرگەن چېڭدۇ ھەربىي رايونى بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت بۆلۈمىنىڭ يۈننەندە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دېڭخۇا مۇنداق دېدى:لوڭتۇشەن بازارلىق مەركىزىي شىپاخانىنىڭ كۆچمە دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى 9-ئاۋغۇست باشلىنىپ، 13-ئاۋغۇست شۇ يەردىكى شىپاخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى؛كۆچمە دوختۇرخانا ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 3000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، 48 بالىنىس، 50 كارىۋات سەپلەندى؛ 50 بىمار بالىنىستا ياتالايدۇ؛ 150 كىشىگە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. مەزكۇر شىپاخانىنىڭ يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرىكى داۋالاش، قۇتقۇزۇش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق بارىلىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر