باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىمارلارغا سىناق تەرىقىسىدىكى ئېبولا يۇقۇمىنى داۋالاش دورىسىنى بېرىش داۋالاش ئەخلاقىغا ماس كېلىدىكەن

2014.08.14 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈنۈگۈن باش ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي جەنۋەدە، ئېبولا يۇقۇمىنى سىناق تەرىقىسىدە داۋالاش دورىسىنىڭ ھەققانىلىقىنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئېبولا يۇقۇمىدا، بىمارلارغا تېخى تەستىقلانمىغان سىناق تەرىقىسىدىكى دورىنى بېرىش داۋالاش ئەخلاقىغا ماس كېلىۋېرىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.


  ھازىرغىچە ئېبولا ۋىروسىنى داۋالاشتا تەستىقتىن ئۆتكەن ھىچقانداق دورا ياكى ۋاكسىنا يوق، ئەمما يېقىندا بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلار سىناق تەرىقىسىدىكى دورىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولدى. بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 11-ئاۋغۇست مىدىتسىنا ئەخلاقى يىغىنى ئېچىپ، بۇ خىل دورىنىڭ ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى رولىنى باھالىدى.


  يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەر بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم تارقالغانغا ئوخشاش ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا، ئەگەر مەلۇم شەرتنى ھازىرلاپ، بىمارلارنى ئىسپاتلانمىغان، ئۈنۈملۈكلىكى بىلەن ئەكىس تەسىرى ئېنىق بولمىغان دورا بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى يۇشۇرۇن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرى سۈپىتىدە قوللىنىش مىدىتسىنا ئەخلاقىغا ماس كېلىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر