باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى قوبۇل قىلىدىغان بولدى

2014.08.14 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تۈنۈگۈن، ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى قوبۇل قىلىدىغان بولدى، دېدى.


  رۇسىيەنىڭ ئۇكرئىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش كالونى شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن ئەتتىگەن موسكىۋا ئوبلاستىدىن يولغا چىقتى. 280 كاماس ماركىلىق يۈك ئاپتوموبىلىغا 2000 توننا يۈك بېسلدى.


  لاۋروف مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا دائىرلىرى كالوننىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسى كونترول قىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورىدىن بىخەتەر ئۆتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئارىسىدىكى قوراللىقلارغا بۇ ئىش ھەققىدە خەۋەر يەتكۈزۈلدى، ئۇلارنىڭ بويۇملارنىڭ يەتكۈزۈلىشىگە ئارىلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر