باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لىنشيا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر گۇۋاھلىق مەركىزى ئىران ئىسلام تەتقىقاتى مەركىزى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

2014.08.14 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گەنسۇ لىنشيا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر گۇۋاھلىق مەركىزى 12-ئاۋغۇست ئىران ئىسلام تەتقىقاتى ۋە ئۇچۇر مەركىزى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ھالاللىق ئۆلچىمى ۋە گۇۋاھلىق بېرىش جەھەتتە ئالاقىلىشىپ ھەمدە ھەمكارلىشىپ، ھالاللىق گۇۋاھلىقى بېرىش ئارقىلىق، يېمەكلىك ، دورا، پەدەز بۇيۇملىرى، تازىلىق بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى بازاردا ئۆز ئارا ئوبوروت قىلىدىغان بولدى.


  گەنسۇ لىنشيا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر گۇۋاھلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما لىڭزۇ مۇنداق دېدى: گۇۋاھلىق بېرىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى گەنسۇنىڭ مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىران ۋە ئوتتۇرا شەرق بازىرىغا كىرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى گۇۋاھلىق بېرىش كەمچىل بولغانلىقتىن گەنسۇنىڭ لىنشيادا ئىشلەپچىقىرىلغان مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلارنىڭ ئىران بازىرىغا كىرىشى تەسكە توختىغان.


  ئىگىلىنىشىچە،گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن ئىران مۇسۇلمان تەتقىقات بىرلەشمە مەركىزى قۇرۇپ، خەلقئارا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ساھەسى ھەمكارلىقىدا تەتقىقات تۈرلىرىنى قانات يايدۇرىدىكەن ھەمدە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە گۇۋاھلىق بېرىش، تەجرىبە قىلىش، مۇسۇلمان مۇتەخەسسىسلەر ئالاقىلىشىش، مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلار يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈش ۋە مۇسۇلمانلارنى تەربىيىلەش جەھەتتە ھەمكارلىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر