باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئاۋىسترالىيەگە 2500 قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىغۇچى ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ

2014.08.14 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋىسترالىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يىللىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى تۈنۈگۈن سېدنىدا ئېچىلدى. ئاۋىسترالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىشاف يىغىندىن كېيىنكى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئارمىيە كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى.


  بۇ يىل 6-ئايدا، ئاۋىسترالىيە زۇڭلىسى ئابورت ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە ئامېىركا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن يۇقارقى كېلىشىم توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. كېلىشىم بويىچە، 2017-يىلىغا بارغاندا، ئامېرىكا ئاۋىسترالىيەنىڭ دارۋىن شەھىرىگە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 2500 قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىغۇچى ئەسكىرىنى ئەۋەتىدۇ، ھەمدە 25 يىل ئىچىدە ئامېرىكا ئاۋىسترالىيەدىكى ھەربىي مۈلۈكىنى كۆپەيتىدۇ.


  ئىگىلىنىشچە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا 200 پاراخوتى، 360 مىڭ ئەسكىرى بارئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر