باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەم نەپەس بولۇپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت پۇقرالار ھەرىكىتى مىزانى ئېلان قىلىندى

2014.08.14 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مىنىستىرلىق يېقىندا ھەم نەپەس بولۇپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت پۇقرالار ھەرىكىتى مىزانىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق، يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىستېمال قېلىپىدە مېڭىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە مۇھىت ئاسراش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى.


  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىزاننى تۈزۈشتە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىندى؛ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە ئىش قىلىندى، ئاممىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىت ئاسراش يولىدا مېڭىش ئەمەلىيلەشتۈرۈش نۇقتىسى قىلىندى. مىزاندا ھاۋا سۈپىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ساغلاملىقنى ياخشى قوغداش، ئىس تۈتەك قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، تۆۋەن كاربونلۇق سەپەرگە چىقىش، يېشىل ئىستېمالنى تاللاش، توك تېجەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بۇلغاش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، گۈزەل جۇڭگونى بىرلىكتە قۇرۇشتىن ئىبارەت سەككىز مەزمۇن بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر