باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاموژنا ئورگانلىرى ئېبولا يۇقۇمىنىڭ كىرىشىدىن قاتتىق ساقلانماقتا

2014.08.14 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 12-ئاۋغۇست ئۇقۇشىچە، تاموژنا باش مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاموژنا ئورگانلىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېبولا قاناش قىزىتمىسى يۇقۇمىنىڭ كىرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان.


  ئۇقتۇرۇش مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تاموژنا ئورگانلىرى يۇقۇم رايونلىرىدىن كەلگەن توشۇش قوراللىرى، مال ۋە ئەشيالارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، چېگرا ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش تارماقلىرى بايقىغان يۇقۇم گۇماندارلىرىنى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش تارماقلىرىنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا پائال ماسلىشىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاموژنا تارماقلىرى ئېلىمىز ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ياردەم قىلغان يۇقۇمدىن ساقلىنىش، تىزگىنلەشكە ئىشلىتىدىغان داۋالاش ئەسۋابلىرى، مۇداپىئە بۇيۇملىرى، دورا، يېمەكلىك قاتارلىق ئەشيالارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى شۇنداقلا تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى ئالدىن بېجىرىپ، ئافرىقىغا ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئەترەتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىپ چىقىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.


  تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ گۇاڭجى مۇنداق دېدى: تاموژنا ئورگانلىرى يۇقۇمنىڭ تېزدىن يامراش ئەھۋالى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، چېگرا ئېغىزىدا ئالدىن يۆتكەپ، چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ساقلىنىش، تىزگىنلىشىنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلغان ساقلىنىش، تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ شۇنداقلا مۇداپىئە ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، 1-سەپتىكى تاموژنا خادىملىرىنىڭ يۇقۇمدىن قوغدىنىش ئىشىنى ياخشى قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر