- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھۆلچىلىك ئاپىتى سەل يېنىك بولدى
2014.08.14 09:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى 12-ئاۋغۇست بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھۆلچىلىك ئاپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن سەل يېنىك بولدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلار نىسبىي مەركەزلىك بولدى دېدى.
كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆل-يېغىن ئومۇمىي مىقدارى باشقا يىللاردىكىدىن سەل ئازايدى، چوڭ دەريالاردىكى كەلكۈن ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەتتە چوڭ دەريادىكى ئاساسلىق تىزگىنلەش پونكىتلىرىنىڭ سۇ ئورنى ئېھتىيات سىزىقىدىن تۆۋەن بولدى. 12-ئاۋغۇستقىچە بولغان مەلۇماتقا قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە 50 مىليون 270 مىڭ ئادەم كەلكۈننىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان، ئاپەتتە 311 ئادەم قازا قىلغان، 88 ئادەم يوقاپ كەتكەن، تۆت مىليون 261 مىڭ ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تۆت مىليون 719 مىڭ گېكتار يەردىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىغان، 146 مىڭ 500 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 107 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 2000-يىلىدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى %50، ئاپەتكە ئۇچرىغان زىرائەت كۆلىمى %40، قازا قىلغان ئادەم سانى %60، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي سانى %80 ئازايغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر