باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ 3 كىشىلىك ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى سېررالىئونغا يېتىپ باردى

2014.08.14 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ سېررالىئونغا ياردەم بېرىدىغان 3 كىشىلىك ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تۈنۈگۈن كەچتە سېررالىئوننىڭ پايتەختى فېرېتاۋىنغا يېتىپ باردى.


  ئىگىلىنىشچە، بۇ جۇڭگونىڭ چەتئەللەرگە تۇنجى قېتىم ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشى ئىكەن. بۇ قېتىم ياردەم بېرىدىغان ئۈچ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى گىۋىنىيە، لىبىرىيە، سېررالىئونغا بارىدىكەن، ھەر بىر گۇرۇپپا ئۈچ كىشىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بىرسى تارقىلىشچان كېسەلىكلەر مۇتەخەسسىسى، ئىككىسى ۋىروس ئۆلتۈرۈش، قوغدىنىش مۇتەخەسسىسى ئىكەن.


  شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى سېررالىئونغا ئەۋەتكەن ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش بويۇملىرى قاچىلانغان ئايروپىلان فېرتاۋىن ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارغان.


  9-ئاۋغۇستقىچە، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1848گە يەتتى، 1013 ئادەم قازا قىلدى، دېدى. بۇنىڭ ئىچىدە سېررالىئوندا 730 ئادەم يۇقۇملاندى، 315 ئادەم قازا قىلدى، دەپ دوكلات ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر