باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لۇديەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما تۇرمۇشتا بەشتە كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

2014.08.14 09:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىر 12- ئاۋغۇست ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننى زىيارەت قىلغاندا ئاز ساندىكى چەت يىراق رايونلاردىن باشقا، ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما تۇرمۇشتا يېمەك ئىچمىكى، سۈيى، كىيىم كىچىكى، ۋاقىتلىق بىخەتەر تۇرالغۇسى، كېسەل كۆرسىتىدىغان ئورنىدىن ئىبارەت بەشتە كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆردى. 12-ئاۋغۇست چۈشكىچە جاۋتوڭ شەھىرى 50 مىڭ 332 چېدىر ، 26 مىڭ 516 قاتلىما كارىۋات ، 78 مىڭ 672 يوتقان كۆرپە، 70 مىڭ 222 چاپان، 52 مىڭ 873 قۇر كىيىم، 6511 پارچە رەخت ، 106 مىڭ 363 قاپ تەييار چۆپ، 1702 توننا گۈرۈچ، 283 مىڭ 228 لىتىر ياغ، 365 مىڭ 489 قۇتا مىنېرال سۇ، 2929 كۋادرات مېتىر يۆتكەلمە ئۆي، ھەمدە 11 مىڭ 294 قاپ دورىنى تەييارلىدى؛ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى.


  يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جياۋتوڭ شەھىرى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇرۇق تۇغقان دوستلىرىغا تايىنىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان 216 مىڭ كىشىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە 106 مىڭ 396 كىشى مەركەزلىك ، 109 مىڭ 839 كىشى تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھازىر ھەر قايسى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇقتىلار مەھەللىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇلۇپ، مەھەللە خىزمەت پونكىتى، داۋالاش ئۆيى،ساقچى ئىشخانىسى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر