باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىراققا 130 ھەربىي مەسلىھەتچى ئەۋەتتى

2014.08.14 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھاگىل 12-ئاۋغۇست كەچتە ئامېرىكا ئىراقنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يېڭى كۆپەيتىپ ئەۋەتكەن 130 ھەربىي مەسلىھەتچى ئىراققا يېتىپ باردى دەپ جاكارلىدى. ھاگىل شۇ كۈنى كالىفورنىيە ئىشتاتى پېندىلتون گازارمىسى دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ مەسلىھەتچىلىرى 12-ئاۋغۇست ئىراققا يېتىپ باردى. ئۇلار ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىكى ئەسەبىي تەشكىلات سىنجار تېغىغا قامىۋالغان نۇرغۇن ئاممىنى قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھاگىل مۇنداق دېدى: بۇ ھەربىيلەر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە چوڭقۇر باھا بېرىدۇ. ئۇ يەنە ئامېرىكا ئىراققا قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتمەيدۇ دەپ تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر