2014-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا فلورىدا شتاتىدىكى 52 ياشلىق Bill Frenier بىلەن 32 ياشلىق Lizbeth Espejo Frenier دەرىجىدىن تاشقىرى غەۋۋاسلىق ھەۋەسكارى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توي مۇراسىمىنى ئاتلانتىك ئوكياندا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەۋەككۈل روھىغا ئىگە بىر جۈپ ئەر-ئايال توي مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىشىپ، 30 ئىنگلىزچىسى چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ ئاستىدا توي قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوست بۇرادەرلىرىمۇ ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقان.