- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شى جىنپىڭ تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى (1)
2014.08.18 14:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-نۆۋەتلىك يازلىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شى جىنپىڭ 17-چېسلا نەنجىڭدا نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كەلگەن موناكو شاھزادىسى ئابېل Ⅱ، سېربىيە-مونتېنېگرو زۇڭتۇڭى ۋۇيانوۋىچ، فىجى زۇڭتۇڭى نېراتىكو، ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى ناتۇمەنلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ موناكو شاھزادىسى ئابېل Ⅱ بىلەن كۆرۈشكەندە سىياسىي ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك تەكىتلىدى. (2-رەسىم)
شى جىنپىڭ سېربىيە-مونتېنېگرو زۇڭتۇڭى ۋۇيانوۋىچ بىلەن كۆرۈشكەندە يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر دەرىجىلىك سۆھبەتنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. (3-رەسىم)
شى جىنپىڭ فىجى زۇڭتۇڭى نېراتىكو بىلەن كۆرۈشكەندە تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ ئىككى دۆلەتنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىشنى تەكىتلىدى. (4-رەسىم)
شى جىنپىڭ ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى ناتۇمەن بىلەن كۆرۈشكەندە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ۋانۇئاتۇ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قوللاشنى تەكىتلىدى. (5-رەسىم)
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر