2014-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى فرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە Brittany رايونىدىكى Pan Bole پورتىدا بىر دانە گرانىت تاشتىن ئۇيۇپ ياسالغان تاش قولۋاق پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇنى شۇ جايدىكى قولۋاق ھەۋەسكارى Jean Yves Menez ياسىغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ قولۋاقنىڭ ئېغىرلىقى 3.6 توننا بولۇپ، ئەڭ چوڭ قاچىلاش مىقدارى 1.7 توننا كېلىدۇ.