باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2014.08.19 11:07   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدىتېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەدىكى ھەمكارلىق، ئالاقە كېڭەيتىلىدۇ

  جاڭ چۈنشيەن بىلەن ۋاڭ مىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 18 – ئاۋغۇست شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كەلدى. 18 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىق، ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇ قېتىم شۇجى ۋاڭ مىننىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا كېلىشى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قەتئىي پوزىتسىيەسى ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغانلىقى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى، شىنجاڭ خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. كۆزدىن كەچۈرۈش، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، لياۋنىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى بىلەن بىرلىكتە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ۋە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەدىكى ھەمكارلىق ئالاقىسىنى كېڭەيتىدۇ.

  بىرىنچى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پايدىلىق بولۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈپ نىشانى قىلىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنىڭ تۈزۈلۈشى مەركەزنىڭ تەلىپى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە لياۋنىڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قوللايدۇ.

  ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيدۇ. ئەسلىدە بار بولغان ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئاساسىدا، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش، مۇقىملاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ئامما ھەقىقىي ھېس قىلالايدىغان خەلق تۇرمۇشى تۈرى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  ئۈچىنچى، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. لياۋنىڭنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ لياۋنىڭ كارخانىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى كۆپلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىكتىكى ئاممىنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى لياۋنىڭ ماركىسىنى يارىتىدۇ.

  تۆتىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرىدۇ. مەركەزنىڭ شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇشتىن ئىبارەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى رايوننىڭ ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ھالدا سىرتقا يۈزلىنىدۇ.

  بەشىنچى، ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى، دوستلۇق ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا ئىدىيەدە ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە تونۇشنى، ھېسسىيات جەھەتتە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى ھەقىقىي قۇرۇلۇش قىلىدۇ.

  ۋاڭ مىن شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى ھەم 43 مىليون لياۋنىڭ خەلقىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: لياۋنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ تەلىپى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشى، يېڭى تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ ئىشەنچى ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. بىز شىنجاڭ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى يولغا قويۇش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە ئۆستۈرۈپ، گۈزەل يۇرت قۇرۇش، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشنى خالايمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى چې جۈن بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، لياۋنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىق ئالاقىسى ئىستراتېگىيەلىك رامكا كېلىشىمى››نى ئىمزالىدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، غانىبات سابۇكەي، ليۇ شىنچى، ۋەن خەيچۈەن، لياۋنىڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن چېن چاۋيىڭ، بىڭ جىگاڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…