غالىپ مۇھەممەد
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بارلىقىنى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانغا بېغىشلاپ، مىللىي مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قۇشۇۋاتقان ئوت يۈرەك باغۋەنلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ جاپاغا چىداش روھى، بوشاشماس ئىرادىسى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشتىن ئىبارەت يۈكسەك پەزىلىتىنى تەرىپىلىمەي تۇرالمايمىز. باي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى غالىپ مۇھەممەد ئەنە شۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 29 يىلدىن بۇيان بارلىقىنى مىللىي مائارىپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتۇشىغا بېغىشلاپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا تۆھپە ياراتقان مۇنەۋۋەر باغۋەن.غالىپ مۇھەممەد 1968-يىلى 11-ئايدا باي ناھىيە بازىرىدا بىر سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سايرام بازىرى ۋە باي بازىرىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1982-يىلىدىن 1985-يىلغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئۈچ يىل ئوقۇغان. 1990-يىلدىن 1992-يىلغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا مۇزىكا كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ 1985-يىلى ئۆزى ئوقۇغان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جاپالىق ئىشلەپ، پىشقان كەسىپ ئەھلىگە، كۆپكە ماھىر مائارىپچىغا ئايلىنىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئۇ ئىزدىنىپ يول ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جاپالىق ئۇقۇتۇش ئەمەلىيىتىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىجتىھات بىلەن تەربىيەلەپ، مەكتەپ، ناھىيە، ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون، مەملىكەت دەرىجىلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا، جۈملىدىن باي ناھىيەسىگە زور شان-شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ تىنماي تىرىشىشى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپنىڭ سەنئەت كەسپىگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئىزچىل تۈردە %98 تىن يۇقىرى بولۇپ كەلدى ۋە نەچچە يۈز ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىزمەت قىلماقتا ۋە ئوقۇماقتا.
1997-يىلى شىياڭگاڭنى، 1999-يىلى ئاۋمېننى قايتۇرۇۋېلىش يۈزىسىدن ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى سەنئەت پائالىيىتىدە، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ يېتەكچىلىك قىلغان 400 كىشىلىك ئۇسسۇل ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2000-يىلى يېڭى ئەسىرنى كۈتۈۋېلىش سەنئەت پائالىيىتىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2008-يىلى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى كۈتۈۋېلىش چاغانلىق سەنئەت كۆرىكىدە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇندىغان چوڭ تىپتىكى «ئولىمپىك روھى» ئۇسۇلى ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2005-يىلى 8-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سەنئەت كۆرىكىدە ئۇ يېتەكچىلىك قىلىپ تەييارلىغان «چىنە ئۇسۇلى»، «نازىركوم»، «گۈزەل مۇزارت» قاتارلىق نومۇرلار ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،
2010-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر 2-نۆۋەتلىك سەنئەت كۆرىكىدە ئۇ يېتەكچىلىك قىلىپ تەييارلىغان «قېتىقچى قىزلار» ناملىق ئۇسسۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «مودەنخان» ناملىق مۇزىكا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار سەنئەت كۆرۈكىدە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇندىغان نومۇر مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى، مەركىزىي ئىتتىپاق كومتېتى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «6–نۆۋەتلىك ئاسىيا-ئوكيانىيە قىتئەسى خەلقئارالىق ياش–ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى» دا غالىپ مۇھەممەدنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان «دولان ئۇسۇلى» مەملىكەتلىك ئومۇمىي تاللاش ياش–ئۆسمۈرلەر B گورۇپپىسىدا ئۇسۇل تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئەجرىنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، ئۇمۇ تارتقان ئەجرىگە لايىق شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئۇ 2008-يىلى باي ناھىيەسىدە ئېچىلغان «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» تارقىتىش يىغىنىدا باي ناھىيەسىدىكى «10 مەشھۇر مەدەنىيەت خادىمى»، 1989-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ئىتتىپاق كومتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مۇناۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى»، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «6–نۆۋەتلىك ئاسىيا-ئوكيانىيە قىتئەسى خەلقئارالىق ياش–ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى»دا «جۇڭگودىكى 10 مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل رېژىسسورى» بولۇپ تەغدىرلەندى ۋە مەكتەپ، ناھىيە تەرىپىدىن كۆپ قېتىم «ئىلغار خىزمەتچى»، «مۇنەۋۋەر سەنئەت يېتەكچىسى» بولۇپ تەغدىرلەندى.غالىپ مۇھەممەد 29 باھار، 29 قىشنى ئەنە شۇنداق قىزىقىش، چارچاش، ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. تالاي شەنبە، يەكشەنبىلىك ئارام ئېلىشلارنى، نەچچە ئون قىشلىق، يازلىق تەتىلدىكى ئارام ئېلىشلارنى قۇربان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇزىكا كەسپىي بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىدى، چوڭ-كىچىك سەنئەت كۆرەكلىرىگە تەييارلىق قىلدۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى. ئۇ ھاياتىدا ئۈن-تىنسىز باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدىكى، قىلچىمۇ نام-مەنسەپنى تەمە قىلمىدى، ھېرىپ-چارچاشتىن، جاپا- مۇشەققەتتىن قىلچە ۋايسىمىدى. ئەكسىچە ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ چوڭ نەتىجىلىرى ئارقىلىق بۇ ئانا مەكتىپىگە ئۈزۈلدۈرمەي شان-شەرەپلەر ئاتا قىلدى.
مۇخبىر :باي ناھىيە سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدە
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى