باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

موللاق ئاتقان «1-قول باشلىق» بۇرۇن «1-قول زومىگەر»مىدى؟

‐‐‐ـ 166 نەپەر چىرىكلەشكەن «1-قول باشلىق»قا نەزەر

2014.08.19 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئاۋغۇستقىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە بۇ يىلدىن بۇيان ئاشكارىلانغان 400 دىن ئارتۇق دېلو ئىچىدە دېلوغا چېتىشلىق «1-قول باشلىق» جەمئىي 166 نەپەر بولۇپ، موللاق ئاتقان باشلىقلار ئومۇمىي سانىنىڭ %30 نى ئىگىلىگەن. ۋەن چىڭلياڭ، جى جيەنيې، تۇڭ مىڭچيەن.....قاتارلىق بىر تۈركۈم «يولۋاس»لارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قولغا چۈشۈشى كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تىغ ئۇچى «1-قول باشلىق»لارغا قارىتىلدى، شۇنداقلا بىزنى قانداق قىلغاندا ھوقۇقنى ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە بىخەتەر يۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويغا سالدى.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، «1-قول باشلىق»نىڭ پاكلىق ئېڭى ياخشى بولمىسا ئاسانلا قول ئاستىدىكىلەرنى خاتا يېتەكلەپ، كوللېكتىپ ھالدا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كومىچىگە چوغ تارتىش كېلىپ چىقىپ، تەسىرى يامان بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، «1-قول باشلىق»نىڭ «1-قول زومىگەر»گە ئايلىنىپ قىلىشىنى توسۇش كېرەك.چىرىكلەشكەن «1-قول زومىگەر»نىڭ تەخمىنەن 70 پىرسەنتى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىكەنمۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «1-قول باشلىق»تىن بىرى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنسا بىر تۈركۈم كادىرلار تەڭ يىقىلىدۇ، «1-قول باشلىق»نىڭ چىرىكلىشىشىنى توسۇش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا، شۇنداقلا جىددىي ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ۋەزىپە.» سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغان «1-قول باشلىق»لارنىڭ تەخمىنەن 70 كە پىرسەنتى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا، يەنە بىر قىسمى دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر