- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
موڭغۇلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2014.08.20 09:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا موڭغۇلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا، موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئىلبەگدورجى جۇڭگو ئاخبارات ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلبەگدورجى مۇنداق دېدى: بۇ يىل موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى 65 يىللىقى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موڭغۇلىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك دەرىجىسى زور تەرەققىي قىلدى. موڭغۇلىيە بۇندىن كىيىن 1-، ئۆز ئارا ئىشنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. 2-، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش. 3-، چېگرىدىن ئۆتىدىغان ترانسپورت ۋە ئاساسىي مۇئەسسئەسسە ھەمكارلىقى جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش .4-، مول، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ شەكلىنى ۋە مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىش. 5-، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشدىن ئىبارەت بەش جەھەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناىسۋىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر