باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىلارە.دىلشات جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بايراقچىسى بولدى

2014.08.20 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، 17 ياشلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى قىز، بوي ئىگىزلىكى 1 مېتېر 92 سانتېمېتىر كېلىدىغان دىلارە.دىلشات جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بايراقچىسى بولدى. ئۇ مەيدانغا كىرگەندە نەق مەيدان كەيپىياتى يۇقۇرى پەللىگە چىقتى. دىلارە دىلشات 10 ياشقا كىرگەندە ئاتاقلىق ۋاسكىتبولچى دۇ فېڭنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، گۇاڭدۇڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ۋاسكىتبول ئويناپ باقمىغان بۇ قىز بىر كەسپىي ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسىگە ئايلانغان. بۇ قېتىم ئۇ ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈنىلا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تاتتى.




  دىلارە ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىمقى ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا كەينى-كەينىدىن خۇش خەۋەرلەرگە ئېرىشتىم. مەن ئېرىشكەن تۇنجى خۇش خەۋەر جۇڭگو كوماندىسىنىڭ باراقچىسى بولغانلىقىم ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن رەسىمگە چۈشتىم. بۇ مېنىڭ ئىككىنچى خۇشاللىقىم. دىلارانىڭ ئۈچىنچى خۇشاللىقى بولسا، ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ گۈزەل تەنھەركەتچى ئاتالغانلىقى ئىدى.




  دىلارە بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىمقى ياشلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە كەسپىي ھاياتىمدا داۋاملىق تىرىشىپ مەشىق قىلىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، بالدۇرراق دۆلەت كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر