- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئوباما: ئىراقتىكى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك
2014.08.20 09:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 18-ئاۋغۇست ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىراقتىكى ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قوللاش قاتارلىق ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەنى يولغا قويىدۇ.
ئوباما مۇنداق دېدى: ئىراقنىڭ سىياسىي مۇساپىسى ئۆتكەن بىر ھەپتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى، كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتىدە، باش مىنىستىر نامزاتى ئەبەدىي كەڭ قورساق بولغان ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ئورۇنلاپ، پۈتكۈل ئىراق خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا شېرىك دۆلەتلەر بىلەن برىگە ئىراق خەلقىگە داۋاملىق ئىچىملىك سۇ ۋە يېمەكلىك قاتارلىق ياردەملارنى بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر