- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خاماس بىلەن فاتاخ ئىچكى قىسىمدىكى يارىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى
2014.04.15 09:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ھانىيا 13-ئاپرېل، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى فاتاخنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كېيىنكى ھەپتە گازادا پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى يارىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، خاماسنىڭ ئەمەلدارلىرى كۆپلىگەن سورۇنلاردا فاتاخ بىلەن ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرسىدىكى يارىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، خاماس تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان فاتاخنىڭ بىر قىسىم خادىملىرىنى قويۇپ بەردى، ھەمدە 2007-يىلى ئىككى گۇرۇھنىڭ قۇراللىق توقۇنۇشىدا گازادىن ئايرىلغان فاتاخنىڭ ئەزالىرى ۋە پەلەستىن قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ گازاغا قايتىپ كېلىشىگە يول قويۇپ، يارىشىش سەمىمىيتىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر