باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي كېڭەشتى

2014.04.15 09:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 13-ئاپرېل كەچتە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يېپىق كېڭەشتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى كېڭىشىش رۇسىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن.

  6-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى دۇنېتسىك، خاركوۋ ، لۇگانىسك ئىشتاتلىرىدىكى رۇسىيىگە سادىق ئامما چوڭ كۆلەمدە ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنانىڭ فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە شتاتلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئىگىلىۋالدى. ئۇكرائىنا دائىرىلىرى 8-ئاپرېل تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ، شەرقىي قىسىمدىكى بىر قىسىم رايونلاردىكى نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتتى ۋە قولغا ئالدى. نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم بىنالىرىنى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر يەنىلا ئىگىلەپ تۇرماقتا. ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم رايونى ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇش رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى، رۇسىيە بولسا بۇنى ئىنكار قىلدى ھەمدە بۇنى باشقىلارغا قىلىنغان تۆھمەت، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر