باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيا جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا زور مىقداردىكى گۇمانلىق بۇيۇم بايقىغانلىقىنى ئېيتتى، جۇڭگو كېمىلىرى گۇمانلىق بۇيۇم بايقالغان دېڭىز رايونىغا يېتىپ باردى

2014.03.27 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىپ 26-چېسلا كۇئالالۇمپۇردا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، دىپلوماتىيە مىنىىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يېسۇي بىلەن كۆرۈشتى. جاڭ يىسۇي مالايسىيا تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئايروپىلاننىڭ جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا «تۈگەشكەن»لىكىگە ئالاقىدار تولۇق، توغرا ئۇچۇر ۋە ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشىنى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ داۋاملىق ئىزدىشىنى ئىزدەش ماسلاشتۇرۇشىنى ھەمدە يولۇچىلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللىي بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  26-چېسلا چۈشتىن كېيىنكى مۇخبىرلار يىغىنىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. جۇڭگونىڭ ئىزدەش ــ قۇتقۇزۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ئېلان قىلغان گۇمانلىق بۇيۇم بايقالغان دېڭىز رايونىغا يېتىپ بېرىشىنىڭ گۇمانلىق بۇيۇملارنى سۈزۈۋېلىپ ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئىزدەش رايونىنىڭ ئاساسلىق جەنۇبىي ھىندى ئوكياننىڭ ئاۋسترالىيە ئېلان قىلغان مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانغا ئالاقىدار گۇمانلىق بۇيۇملار بايقالغان دېڭىز رايونى ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇردى.

  مالايسىيانىڭ مۇۋەققەت قاتناش مىنىستىرى ھېسامىدىن 26-چېسلا مۇنداق دېدى، مالايسىيانىڭ يىراقتىن سېزىش ئاپپاراتى فرانسىيە ھاۋا يولۇچىلار قاتنىشى مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا بايقالغان 122 دانە گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مالايسىيا ئايروپىلانىغا ئالاقىدار بۇيۇملار ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر