- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مىسىرنىڭ ھەربىي تەرەپ رەھبىرى سېسى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2014.03.27 15:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مىسىرنىڭ ھەربىي تەرەپ رەھبىرى سېسى تۈنۈگۈن قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانىلىق ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سېسى شۇكۈنى تېلىۋىزور سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ قالسام، دۆلەتكە مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ۋە ئۈمىد ئېلىپ كېلىمەن، مىسىرنى دىموكراتىك زامانىۋىي دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن.
مىسىرنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، سېسى دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرىلىق ۋە ھەربىي ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئاندىن، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشالايدۇ. ئالدىنقى ئاينىڭ 8-كۈنى مىسىردىكى سول قانات سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى، 2012-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى نامزاتى ھامىدىن.ساباھ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان ئىدى. ھازىرغىچە مىسىردا پەقەت سېسى بىلەن ساباھلا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر