باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سايرام كۆلى بويىدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى

2019.01.30 10:34         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز خەۋىرىمىز. (ئىختىيارىي مۇخبىر يۈسۈپ غېنى، ئەن جىڭ خەۋىرى)سايرام كۆلى 2019-يىللىق «قار ـ مۇز مىلودىيەسى . مۇز ئۇچرىشىشى» تۇنجى نۆۋەتلىك قار ـ مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سايرام كۆلى بويىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئون كىلومېتىر «ساغلام يۈگۈرۈش» ۋە بەش كىلومېتىر «خۇشال يۈگۈرۈش» يولى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 600دىن ئارتۇق ماھىر سايرام كۆلى بويىدا مۇسابىقىگە قاتناشتى.

 «پاڭ!» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، فۇجيەن، نىڭشيا، خۇبېي قاتارلىق ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن يۈگۈرۈش ماھىرلىرى مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىي ئىشىكىدىن چىقىپ، سايرام كۆلىنى بويلاپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭى 65 ياش، ئەڭ كىچىكى 11 ياش بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قىيىنچىلىق ئالدىدىمۇ ۋاز كەچمەسلىكتەك روھىي قىياپىتىنى ۋە ئۆز- ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشتەك مارافونچە يۈگۈرۈش روھىنى نامايان قىلدى.

فۇجيەنلىك ماھىر لياڭ چىدۇڭ مۇنداق دېدى: مەن يۇرتۇمدىمۇ نۇرغۇن قېتىم مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقانىدىم، بىراق، بۇنداق گۈزەل قار ـ مۇز مەنزىرىسىدە يۈگۈرۈشۈم تۇنجى قېتىملىقى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر