باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەندۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە «گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كىتاب تەقدىم قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2017.12.13 14:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەندۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە يېقىندا يېڭىسار، يوپۇغا، يېڭىشەھەر، مەكىت قاتارلىق تۆت ناھىيەدىكى ئون ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپتە «گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كىتاب تەقدىم قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ئۈچۈن، «مىڭتيەن» نەشرىياتى ۋە «چىڭداۋ» نەشرىياتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەشر قىلىنغان نادىر كىتابلاردىن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئوقۇشىغا ماس كېلىدىغان 150 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كىتابنى شەندۇڭ ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان يېڭىشەھەر، يېڭىسار، يوپۇغا، مەكىت ناھىيەلىرىدىكى ئون مەكتەپكە تەقدىم قىلدى.

  ئۇقۇشىمچە، «گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كىتاب تەقدىم قىلىش ھەرىكىتى» 2010- يىلى باشلانغان بولۇپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشى ۋە ياردىمىدە «مىڭتيەن» نەشرىياتى ۋە «چىڭداۋ» نەشرىياتى ئۇدا ئالتە يىل ئىچكى موڭغۇل، چىڭخەي، سەنشى، سىچۈەن، يۈننەن، گۈيجۇ، گەنسۇ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 50 نەچچە نامرات تاغلىق رايوندىكى مەكتەپلەرنىڭ كۇتۇپخانىسىغا 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن قىممىتىدە كىتاب ئىئانە قىلغان، بۇنىڭدىن 50 نەچچە مىڭ بالا نەپكە ئېرىشكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر