باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى بىمارلار جىددىي ئەھۋالدا تۇرغاندا ئاكتىپلىق بىلەن قۇتقۇزۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە قوغداش كېرەك

2017.12.14 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ داۋالاشتا زىيانغا ئۇچرىتىش جاۋابكارلىق ماجىراسى دېلولىرىنى بىر ياقلىق قىلىشتا تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇنىڭدا دەۋاگەرنىڭ ئاساسىي سالاھىيىتىنى بېكىتىش، دەلىل ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى، باھالاش تەرتىپى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ساغلاملىق ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، داۋالاش ئاپپاراتلار بىلەن بىمارلار ئىناق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئەدلىيە مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان داۋالاشتا زىيانغا ئۇچرىتىش جاۋابكارلىقى ماجىراسى ھەققىدىكى ئەدلىيە ئىزاھاتى بىمارلارنىڭ داۋالىنىش جەريانىدا جىسمانىي ۋە مال مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىغانلىق سەۋەبى بىلەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ياكى قان بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاپپاراتلاردىن ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش دېلولىرى ھەمدە داۋالاش ھۆسن تۈزەشتە زىيانغا ئۇچرىتىش جاۋابكارلىق ماجىراسىغا تەتبىقلىنىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو فېڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ داۋالاش ھۆسن تۈزەش كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق مەنپەئەتىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەتتە تۇرمۇشتىكى ھۆسن تۈزەشكە بۇ خىل ئەدلىيە ئىزاھاتىنى تەتبىقلاشقا بولمايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھوقۇققا دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش مەسئۇلىيەت قانۇنىنىڭ 54 -ماددىسىدا بىمار داۋالاش داۋامىدا زىيانغا ئۇچرىسا، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ داۋالاش خادىملىرى خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا، داۋالاش ئاپپاراتلىرى تۆلەم مەسئۇلىيىتى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بەلگىلەندى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇننىڭ ئاساسى مەزمۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا بىمارلار بىلەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ۋە قوغداشنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ئەدلىيەدە قوللىنىلىدىغان پىرىنسىپلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر