باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى (مەدەنىيەت- تارىخ تەتقىقات يۇرتى)نىڭ سابىق مۇدىرى ئارسلان ئابدۇللا

2017.06.29 15:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلار ئىتتىپاقلىقنىڭ ئامەت، بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەربىيەلىگەن ئۇيغۇر زىيالىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باتۇرلۇق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشىمىز؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، چوڭقۇر قېزىش، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كۈرىشىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز؛ زېھنىمىز ۋە كۈچىمىزنى بىر ئۆمۈر شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلارغا بېغىشلىشىمىز كېرەك.

  ھازىر بەزى يامان غەرەزلىك كىشىلەر دەرسلىك ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئارقىلىق «پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم» ۋە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش، مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەش مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنماقتا. شۇڭا، يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىز بىلەن ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنىڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز؛ شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز؛ ئىسلام دىنىنىڭ بىز ئېتىقاد قىلغان بىردىنبىر دىن ئەمەسلىكىنى، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭمۇ بىزنىڭ بارلىق تارىخىي مەدەنىيىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، مىللىتىمىزنىڭ ئىلگىرى كۆپ خىل دىنلارغا ئىتىقاد قىلغانلىقىنى، بىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ مول، كۆپ خىل، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان ئىكەنلىكىنى ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز؛ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتقانلىقى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز؛ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، چوڭقۇر قېزىش، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىمىز بار.

  ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي رەددىيە بېرىش بىلەن بىللە، يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكى، ئىلىم سەزگۈرلۈكى بىلەن، «ئىلىم ساھەسىدىكى ئەسەبىيلىك»كە رەددىيە بېرىشى كېرەك. ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە «ساختا ئىلىم»، «ساختا بىلىم» بىلەن نىقابلىنىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرىدىغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت، بەزى «ساختا ئالىملار» چاكىنا، تار مىللەتچىلىك خاھىشى بويىچە ئىش قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشى، ئۆرپ- ئادەتلىرى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ھەددىدىن زىيادە كۆككە كۆتۈرۈۋاتىدۇ ۋە قارىغۇلارچە پەردازلاۋاتىدۇ؛ ياكى باشقا مىللەتلەرنى بار كۈچى بىلەن كەمسىتىپ، ئۆز مىللىتىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، مىللىي كەمسىتىش، ھەتتا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، مىللىي ھېسسىياتقا ئازار بېرىپ، مىللەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىۋاتىدۇ؛ ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنى شىنجاڭ بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە خارابىلىكلىرىنى قىلچە ئاساسسىزلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋېلىپلا قالماستىن، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى ۋە يېقىنقى زاماندىكى مىللەت تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان داڭلىق ئالىملار ۋە يازغۇچىلار، شائىرلارنى قىلچە ئاساسسىزلا ئۇيغۇر، دەپ بېكىتىۋاتىدۇ؛ ئۇلار خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، جۈملىدىن تىل، ئەدەبىيات، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئامالنىڭ بارىچە ئىنكار قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى «ئىلىمدىكى ئەسەبىيلىك» ۋە «ساختا ئىلىم»نىڭ ئىپادىسىدۇر، بۇنىڭغا جەزمەن رەددىيە بېرىش، ئۇنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزىتىش كېرەك.

  ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ئىنتايىن مۇرەككەپ، بىز زىيالىيلار يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى، بۇرچ ئېڭى ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىز، ئىلىم سەزگۈرلۈكىمىز بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سەپسەتىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز زۆرۈر، بىز تىرىشىپ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتىمىزنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر