باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

6- ئايدا ئالتاي شەھىرى پويىز قاتنىمايدىغان تارىخى بىلەن خوشلىشىدۇ

2017.04.25 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 6- ئايدا، بېيتۈن-ئالتاي تۆمۈر يولىدا (قىسقارتىلىپ شىمالىي تۆمۈر يول دېيىلىدۇ) قاتناش باشلىنىدۇ، شۇ چاغدا ئالتاي شەھىرى پويىز قاتنىمايدىغان تارىخى بىلەن خوشلىشىدۇ.

  4- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بېيتۈندىن ئالتايغىچە بولغان مەزكۇر تۆمۈريول قاتناشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن، مەزكۇر لىنىيەنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئالتاي ۋوگزالى بولۇپ، ھازىر جىددىي ھالدا ئاخىرقى بېزەش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن، بۇ يىل 6- ئايدا رەسمىي قاتناش باشلىنىدىكەن.

  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50.76 كىلومېتىر كېلىدىغان، ھەمدە بىر مىليارد 402 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بېيتۈن-ئالتاي تۆمۈر يولى، 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى ئىش باشلىغان بولۇپ، 2016- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن لىنىيەبويىچە رەسمىي پويىز قاتنىغان. مەزكۇر تۆمۈر يول كۇيتۇن-بېيتۈن تۆمۈر يولىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان بېيتۈن شەھىرى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، ئېرىتىش دەرياسى ۋە قىران دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئالتايغا قاراپ قاتنايدۇ. مەزكۇر تۆمۈر يول 2- دەرىجىلىك تۆمۈر يول ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر