باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسىنىڭ يېيىلغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئادىل ئېلى

2017.04.24 14:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم ۋە كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم.

  مەن ئاددىي كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانام ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر. پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشى ۋە ماڭا قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدىم، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى خىزمەتلەرگە مەن بىۋاسىتە تەشكىللىگۈچى، يولغا قويغۇچى بولدۇم، شۇنداقلا يەنە ئۇلارغا شاھىت بولدۇم ھەم مەنپەئەتلەندىم. لېكىن چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» بارلىق ئاماللار بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم، چوڭ ياخشى ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ تېررورلۇققا، سىڭىپ كىرىشكە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇپ قالدى. بىز ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار، ئامما بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەمدى سۈكۈت قىلساق بولمايدۇ، سۈكۈت قىلىش يول قويغانلىقتۇر! ھەر قانداق بىر ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايرىقى روشەن ھالدا باتۇرلۇق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە جەڭ ئېلان قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بارلىق سۇيىقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلىشى كېرەك.

  ئىنتىزامغا، قائىدىگە رىئايە قىلىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشقا تىرىشىمەن. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تىكلەپ، سىياسىي ئىنتىزام بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىنتىزامىنى قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك قىلىپ، پارتىيەگە باشتىن - ئاخىر سادىق بولىمەن. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش نىشاننى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىش ۋە يۈزلىنىشنى ۋاقتىدا بايقاپ، تۈزىتىپ، ئىنتىزامنى ھەقىقىي «يۇقىرى بېسىملىق توك»قا ئايلاندۇرىمەن.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشىمەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خاتا ئىدىيە ۋە مۈجمەل تونۇشقا بايرىقىم روشەن ھالدا رەددىيە بېرىمەن؛ مەردانىلىك بىلەن پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇش، ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتىنى پاش قىلىمەن؛ زوراۋان - تېررورچى، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ سەپسەتىسىنى پاش قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە كۈچلىرى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشقا پائال يېتەكلەيمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى بولۇشقا تىرىشىمەن. ھەر قايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە دېگەن ئاڭ ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۆزلەيدىغان، ھەر قانداق ئىشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى بېجىرىمەن.

  مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئۈلگە بولىمەن. باشتىن - ئاخىر «ئېتىقادچان، خەلقچىل، تىرىشچان - ئەمەلىيەتچىل، دادىل، پاك - دىيانەتلىك» ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، پارتىيەۋىلىككە، پىرىنسىپقا رىئايە قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، مۈشكۈل ئەھۋالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش جاسارىتىم بىلەن، ئاممىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر