باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىي نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلايلى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىمىنجان جارى

2017.04.24 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»تا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بولۇپمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ يۈرەك سۆزى ئېيتىلغان بولۇپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بارلىق پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ نېرۋىسىغا تەگدى، «ئۈچ خىل كۈچ» بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. «ئۈچ خىل كۈچ» بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاممىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلىشقا قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى مەجبۇرلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولۇشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش مىللىي مەسىلىمۇ، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بىلەن مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن مالىمانچىلىق، توپىلاڭ پەيدا قىلىش ئارىسىدىكى ھايات - ماماتلىق سىياسىي كۈرەش.

  شىنجاڭنىڭ ھازىرقى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» مۇرەككەپ ۋەزىيىتى ئالدىدا، ھېلىھەم بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ كاللىسى سەگەك، مەيدانى مۇستەھكەم بولمايۋاتىدۇ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە پوزىتسىيەسى قەتئىي بولماي، شەكىل جەھەتتىن بويسۇنۇپ، ماھىيەت جەھەتتە قارشىلىق قىلىپ، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لىك قىلىۋاتىدۇ؛ بەزى پارتىيەلىك كادىرلار زوراۋان - تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالدى، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە تۇغقانلىرىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا سۈكۈت قىلدى، يول قويدى. پارتىيەنىڭ ئىشلىرىغا زىيان سالغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، قىلچە يۈز - خاتىر قىلماي زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم بار. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربە بېرىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ 1 - سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۆزۈمنىڭ مىللەت، ھېسسىيات، تىل قاتارلىق جەھەتتىكى ئالاھىدە ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۆز ۋە ھەرىكەتتە باشلامچى بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ھەرىكەت ئارقىلىق يېتەكلەشتە ئۈلگە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەت دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى بايقۇت قىلىدىغان، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا تىرىشىمەن.

  ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەۋىلىك سالاھىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىگە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق رىئايە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام - قائىدىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئارقىلىق سۆز - ھەرىكىتىمنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەلىپىنى ھەرىكەت مىزانىمغا ئايلاندۇرىمەن. ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن، پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە چەكسىز سادىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر