باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى «پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

2017.04.24 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى يېقىندا «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزم ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى، پارتىيەمىزنىڭ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرىشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىشىنىڭ قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالى. يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىگە ماسلىشىپ، تونۇشىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئۆگىنىشنى ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەشكە سىڭدۈرۈپ، خىزمەتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سىستېمىنى ئىگىلەش، ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش، يادرونى قوغداش، تەرەققىياتقا يېتەكلەشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى داۋاملىق قوزغاش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى تونۇشقا ئايلاندۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يادرونى قوغداش، بىردەك بولۇش تۈپ تەلىپىنى تونۇشقا ئايلاندۇرۇشقا ئامال قىلىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ غايەت زور سىياسىي قىزغىنلىقنى ئۇرغۇتۇشنى تونۇشقا ئايلاندۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، كىشىلەرنى تەربىيەلەشتىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىنى تونۇشقا ئايلاندۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىش، ئۆگىنىش ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش، سادىقلىق بىلەن ئۆگىنىش، ساداقەتمەن بولۇشنى ئۆگىنىش، چىن ھېسسىياتى بىلەن ئۆگىنىش، ئۆگىنىپ ھېسسىيات يېتىلدۈرۈش، بۇرچى بىلەن ئۆگىنىش، ئۆگىنىپ بۇرچ يېتىلدۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر