باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمىغا 2 مىليوندىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى

2017.04.24 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، 7- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمى باشلاندى، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمىغا قاتناشقانلار 2 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتتىكى 200 مىڭغا يەتمىگەن ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قاتناشقان ئادەم سانى 10 ھەسسە ئاشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇغېنى ئىگەمبەردى ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ۋە پىلانلاشقا ئۇدا يەتتە يىل قاتناشقان. شۇ كۈنى ئابدۇغېنى ئىگەمبەردى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا بايرىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى، ئاپتونوم رايونىمىز ياشلار-ئۆسمۈرلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ئۈچۈن زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە پائال تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر