- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كەشپىياتچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە خىراجىتى 500 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
2017.04.25 14:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى يېقىندا «دۆلەت پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ <13-بەش يىللىق> تەرەققىيات پىلانى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز كۆپ مەنبەلىك ئىختىساسلىقلار سېلىنما مەبلىغى مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەللىشىپ، مەملىكەت بويىچە تەتقىقات ۋە يارىتىش(R&D) خادىملىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە خىراجىتى 2014-يىلىدىكى 370 مىڭ يۈەن/يىلدىن 2020-يىلىغا بارغاندا 500 مىڭ يۈەن/يىلغا ئۆستۈرۈلۈپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقنىڭ يەنىمۇ كىچىكلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پىلاندا كۆرسىتىلىشىچە، «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئېلىمىز پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى بەس-بەستە مەيدانغا كېلىپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇغان. پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى تېز زورىيىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مىقدارى 71 مىليوندىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەشپىياتچىلار 5 مىليون 350 مىڭغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتكەن. «12-بەش يىل» مەزگىلىدە ۋەتەنگە قايتقان ئىختىساسلىقلار 1 مىليون 100 مىڭدىن ئېشىپ، ئالدىنقى 30 يىلدا ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر