باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى تارماق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىنىڭ ھېسابقا خاتىرىلەش ئۆسۈم نىسبىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2017.04.25 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 24-ئاپرېل ئادەم كۈچ بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتى ھېسابقا خاتىرىلەش ئۆسۈم نىسبىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھېسابقا خاتىرىلەش ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بانكىنىڭ قەرەللىك ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىدىن تۆۋەن بولماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتى ھېسابقا خاتىرىلەش ئۆسۈم نىسبىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتا، ھېسابقا خاتىرىلەش ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر مائاشىنىڭ ئۆسۈشى ۋە فوند تەڭپۇڭلۇق ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى ۋە مۇۋاپىق كوئېففىتسېنت بىلەن تەڭشەلگەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر