- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىش ئورنىنى «ئۆز بېشىمچىلىق» بىلەن ئالماشتۇرۇشىغا بولمايدۇ
يىللىق دەم ئالمىغانلارغا كۈندىلىك كىرىمىنىڭ %300 بويىچە مائاش بېرىش كېرەك
2017.04.25 14:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىش ئورنىنى «ئۆز بېشىمچىلىق» بىلەن ئالماشتۇرۇشىغا بولمايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىشقا تېگىشلىك لېكىن دەم ئالمىغان كۈن سانىغا مەزكۇر خىزمەتچىنىڭ كۈندىلىك كىرىمىنىڭ %300 بويىچە يىللىق دەم ئېلىش مائاشى بېرىشى كېرەك. بېيجىڭ شەھەرلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، شەھەرلىك ئەمگەك كادىرلار ئىشلىرى تالاش-تارتىشى كېسىم كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە 24-ئاپرېل «ئەمگەك تالاش-تارتىش دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتىكى قانۇن تەتبىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى جاۋاب»نى ئېلان قىلىپ، ئەمگەك تالاش-تارتىش دېلولىرىغا ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈردى.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ بىرىنچى سوت كوللېگىيەسىنىڭ سودىيەسى جىن شى مۇنداق دېدى: بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە «ئالاقە تورى +» كەسىپ ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، پايتەخت رايونىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى كۈنسېرى مۇرەككەپ، كۆپ مەنبەلەشتى، ئەمگەك تالاش-تارتىش دېلولىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن شەھەرلىك ئەمگەك كادىرلار ئىشلىرى تالاش-تارتىشى كېسىم كومىتېتى ئەمگەك تالاش-تارتىش دېلولىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە قارىتا جەمئىيەت ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، كۆپ قېتىم مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق بۇ «جاۋاب»نى تۈزۈپ چىقتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر